获取演示
Now livetag icon
Ad Intelligence Presents: Ads in ChatGPT & Google. Download the reportbanner icon

5月3日的Awazliq Kitap应用程序分析

Awazliq Kitap

Awazliq Kitap

  • Abdullah karakas
  • Apple 应用商店
  • 免费
  • 图书
ئاۋازلىق كىتاب دېتالى ھەققىدە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كىتاب سۆيەر قېرىندىشىم! ئاۋازلىق كىتاب دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز. دېتالنىڭ بۇ نەشرىدە دېتالنىڭ كۆرۈنۈشى ئەلالاشتۇرۇلغاندىن سىرت بۇرۇنقىسىدا مەۋجۇت بولغان بىر قىسىم تېخنىك خاتالىقلار تۈزىتىلدى ۋە چۈشۈرۈش سۇپىسى ئەلالاشتۇرۇلدى. سىز بۇ دېتال ئارقىلىق ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن داڭلىق تارىخى رومان، نەسر، ھېكايە-چۆچەك، مەسەل ۋە تەرجىمىھال ساھەسىدە قەلەمگە ئېلىنغان ئەمما ئاساسلىقى تارىخى روماندىن ئىبارەت بولغان 50 دىن ئارتۇق ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئاڭلىيالايسىز. خالىسىڭىز تور بار جايدا يانفونىڭىزغا ساقلىۋېلىپ تور بولمىغان جايلاردىمۇ ئاڭلىيالايسىز. ئاللاھ خالىسا مەزكۇر دېتال داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ناۋادا دېتالنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقا قېرىنداشلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. چۈنكى ياقتۇرغانلىرىمىزنى دوست-يارەنلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىش ۋە ھەمبەھىرلەش ئالى جانابلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللى نىشانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: - مەزكۇر دېتال ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇپ بولغان ياكى ئوقۇيالمىغان كىتابلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلدى. - بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى توردىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نەشر ھوقۇقى نەشر قىلغان ئورۇنغا ئائىت. - مۇمكىن قەدەر كىتابلارنىڭ بېسىلغان نۇسخىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك كىتابخانىلاردىن سېتىۋېلىپ ئوقۇشىڭىزنى ۋە ساقلاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك كىتابنىڭ بېسىلغان نۇسخىسىنى ئوقۇش ۋە مۇھىم جايلىرىنى سىزىپ، خاتىرە تۇتۇپ ئوقۇشنىڭ ھۇزۇرى ۋە پايدىسى ئۆزگىچە. - بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنى چۈشۈرۈپ، جۇغلاپ ھەقلىق تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. - بىر ئەسەرنىڭ بۇ دېتالغا كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. - دېتالغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرگە ئالاقىدار پىكرى بار قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىغا تىلەكداشمىز؛ - ئا- پىكرىڭىز ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار بولسا، ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. - ب- ئەگەر سىز ئەسەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەسەرنىڭ بۇ دېتالدا تارقىتىلىشىنى خالىمىسىڭىز بۇنى awazliqkitap@gmail.com ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم قىلسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر ئەسەرنى دېتالدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىمىز. (شۇنداقتىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق ئادەتتە ئەسىرىڭىزنى سېتىۋالغان ياكى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قېرىنداشلىرىڭىزنىڭمۇ ئەسرىڭىزدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارمىغايسىز.) - دېتالغا ئالاقىدار تەكلىپ – پىكرىڭىز بولسا awazliqkitap@gmail.com ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. - ناۋادا قولىڭىزدا ئۇيغۇر خەلقىگە پايدىلىق ئىلمى، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە سۈپەتلىك ئاۋازلىق ئەسەر بولسا يۇقىرىدىكى ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز، (دېتال ياسىغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى شەرتى بىلەن) خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دېتالغا قوشۇپ قويىمىز. - ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك تىلەيمىز. - ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاۋازلىق كىتاب دېتالى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.2017.08.25 Dear Brother and Sister, This app containing free audio books has been prepared for the use of Uighur brothers and sisters who are not able to read them. You can listen to about 50 audio books via installing the app to your smart phone online or downloading them to your smart phone offline. Reminder: The audio books have been simply downloaded from various websites; and the copy right of them belongs to the publisher. Therefore, the audio books can’t be used for commercial purposes. We are not responsible for and may not necessarily agree with the contents of the audio books; any comment on the contents of the audio books needs to be directed to the author. If you hold the copy right of any of the audio books and you don’t want them to be distributed within this app, please write to awazliqkitap@gmail.com. Any comments or suggestions are welcome to the same e-mail. We kindly ask you to help us to realize useful works like this via donating or praying.
Awazliq Kitap

商店排名

商店排名基于 Google 和 Apple 设置的多个参数。

所有品类在
美国--
图书在
美国--
创建账号以查看平均每月下载量联系我们

动态Awazliq Kitap排名统计

Awazliq Kitap的 Similarweb 使用排名和Apple 应用商店排名

排名

没有可用的数据

Awazliq Kitap按国家/地区排名

Awazliq Kitap在主要类别中排名最高的县

无数据可显示

顶级竞争对手和替代应用程序

同一商店内很有可能被同一批用户使用的应用程序。

Irk Bitig

Irk Bitig

Emir Sari

Hikayeler Evi :Türkçe Masallar

Hikayeler Evi :Türkçe Masallar

ABDULAZIZ MUHAMMED

KitapDinler

KitapDinler

Outreach To The Least Reached, INC.

Dini Hikayeler - Oku ve Dinle

Dini Hikayeler - Oku ve Dinle

CODEIDA BILGISAYAR YAZILIMLARI LIMITED SIRKETI

Awazliq Kitap VS.

五月 3, 2026